دۆلەتلىك ياش چېلىش ماھىرىمىز ئابدوللاھ توپراق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

دۆلەتلىك ياش چېلىش ماھىرىمىز ئابدوللاھ توپراق ياۋروپا ياشلار گىرېكورومەن چېلىشىش چېمپىئونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1213939
دۆلەتلىك ياش چېلىش ماھىرىمىز ئابدوللاھ توپراق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېلىشىش فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئىسپانىيەنىڭ پونتېۋېدرا شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا ياشلار گىرېكورومەن چېلىشىش چېمپىئونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا، 63 كېلولۇقلار بويىچە مەيدانغا چۈشكەن دۆلەتلىك چېلىش ماھىرىمىز ئابدۇللاھ توپراقنىڭ چېمپىئون بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇللاھ توپراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا گىروزىيەلىك رەقىبى لېرى ئابۇلادزېنى 2 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر