گوللاندىيەدىكى <كوچا ئىپتارى> زور قىزىقىش قوزغىدى
گوللاندىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇلۇ جامە تەرىپىدىن جامە مەيدانىدا پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ ئۇترېچت شەھىرىدىكى جامە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن <كوچا ئىپتارى>دا مۇسۇلمان ئائىلىلەر بىلەن گوللاندىيەنىڭ يەرلىك خەلقى بىر يەرگە جەم بولدى.
گوللاندىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇلۇ جامە تەرىپىدىن جامە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈگەن <كوچا ئىپتارى> پىروگراممىسىغا تەخمىنەن 1400 كىشى قاتناشتى.
ئىپتار پىروگراممىسىغا گوللاندىيەلىك رايون خەلقى ۋە ئائىلىلەر بىلەن بىرگە دەنك پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سەلجۇق ئۆزتۈرك، ئۇترېچت ساقچى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
سىرتتا ئوقۇلغان ئەزان بىلەن تەڭ قاتناشقۇچىلار ئىپتار قىلدى. ئىپتاردىن كېيىن جامەدە ھەممەيلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇدى.
گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن <كوچا ئىپتارى> شەنبە كۈنى يەنە قايتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.