ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

1176116
ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14نۆۋەتلىك ياۋروپا تەكۋاندو چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇساپىقىسىدا سەيدانۇر ياۋۇز، ناگىھان بەسلەمە ۋە سىلا ئۆزدەندىن تەشكىل تاپقان ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

مۇسابىقە ياۋروپا تەكۋاندو بىرلىكى تەرىپىدىن تۈركىيە تەكۋاندو فېدېراتسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئانتاليانىڭ كەمەر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا تەكۋاندو چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇساپىقىسىغا 26 دۆلەتتىن 541 تەنتەربىيەچى قاتناشتى.  بىرىنچى كۈنى 12 كاتېگورىيە بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقە ئاخىرىدا سەيدانۇر ياۋۇز، ناگىھان بەسلەمە ۋە سىلا ئۆزدەندىن تەشكىل تاپقان ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ياش ئاياللار تۈركىيە تەكۋاندو كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

مۇسابىقە 4ئاپرىلدا ئاخىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر