«1 - فېۋرال دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلەندى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە «1 - فېۋرال دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، مۇسۇلمان ئايالار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى ھەمكارلىق چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1137364
«1 - فېۋرال دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «1 - فېۋرال دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» مالايشىيا، نېگىرىيە ۋە غەربىي بالقانلاردىمۇ تەبرىكلەندى.

«1 - فېۋرال دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ياغلىقلىق مۇسۇلمان ئاياللار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

يىغىلىشتا ئىرقىي ئايرىمچىلىق، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىشقا قارشى ھەر دائىم ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

قاتناشقۇچىلار «باش ياغلىقى مېنىڭ مەھرىمىيەتىمدۇر» دەپ يېزىلغان لوزىنكلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

«دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى 2013يىلىدا باڭلادېشلىق نازما خان تەرىپىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، نىيۇيوركتا چوڭ بولغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن قېتىم ئىرقىي ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

«دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» ئۈچۈن 90 غا يېقىن دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان نازما خان، ئامېرىكىدا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان ئايرىمچىلىققا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «بولۇپمۇ ئىنتېرنېتتە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە نەپرەتلىك سۆزلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولماقتىمىز» دېدى. 

«دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» مالايشىيادىمۇ تەبرىكلەندى.

پايتەخت كۇئالا لۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ھەر خىل مىللەت ۋە كەسپىي خادىملاردىن شۇنداقلا مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

«دۇنيا باش ياغلىق كۈنى» بالقانلاردىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.

ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتا «بۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقى» تېمىلىق لېكسىيە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىراندىمۇ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى كۈرەشكە ھەسسە قۇشۇش مەقسىتىدە، نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكتە يىغىلىشقا قاتناشتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر