چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 28.12.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1115451
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 28.12.2018

 

 

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تۈركىيەنىڭ دائېشنى سۈرىيەدىكى ئېشىپ قالغان جايلاردىن ئۆزى يالغۇز تازىلاپ چىقىرىشقا قايىل قىلىپ، سۈرىيەدىكى 2000 غا يېقىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش قارارىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» مەتبۇئات ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي گ/پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرى چېگرا رايونغا ھەربىي يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Der Spiegel» ژۇرنىلى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئاق ساراي دائېرىلىرىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Rossiyskaya» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ: «تۈركىيە ئامېرىكىدىن ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالالايدۇ، بىراق بۇ سېتىۋىلىش رۇسىيەدىن " S-400" ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش پىلانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئاۋستېرىيەنىڭ «Wiener Zeitung» گېزىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ فىرانسىيەنى سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكلاتى ي پ گ/پ ك ك غا ياردەم قىلماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «ISNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق تەھدىت قىلغان ھالدا: «ئىدلىبتىكى كۆزىتىش مۇنارلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە دۇنياسىنى بېشىغا ئۆرۈپ تاشلايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئاجانتىسى قۇرلۇشىغا قارىتا «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر قەدەم» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيەنى ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتارغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ «İn. gr» ئىنتېرنېت بېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «تۈركىيە سېتىۋالغان نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈس سۇپىسى يانۋار ئېيىدا قارا دېڭىزدە ئەمەس، بەلكى ئاق دېڭىزدا قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەنىڭ «Nihon Keizai Shimbun» ئىقتىساد گېزىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرسوينىڭ «تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان چەت ئەللىكلەر سانىنىڭ 2019 يىلىدا، 2017يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسە ئېشىپ، 50 مىليونغا چىقىشىنى مۆچەرلەۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر