ئاتاقلىق ئالىم «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى، ئاتاقلىق ئالىم يۈسۈف قەرزاۋى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى.

1106187
ئاتاقلىق ئالىم «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى، ئاتاقلىق ئالىم يۈسۈف قەرزاۋىنى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتتى.

قەرزاۋىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئاتاقلىق ئالىم قەرزاۋىنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەتتىن خالىي مىسىر ئەدلىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كىرگۈزۈلگەن <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى> دىن چىقىۋېتىلىشى ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر.  دەرۋەقە، مىسىر دائىرىلىرى <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى> چىقىرىلغان چاغدا، قەرزاۋى ۋە يۈزلەرچە كىشىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى قانۇنسىز ھالدا مۇسادىرە قىلغانىدى. قەرزاۋىنى خەلقئارا قانۇن ۋە پىرىنسىپلارغا ئاساسەن <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى> دىن چىقىرەۋتكەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىزكى، يۈسۈف قەرزانىڭ قىزى ئەلا قەرزاۋى بىلەن كۈيئوغلى ھۇسام خەلەف تېخىچە قانۇنسىز ھالدا تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ.»

مەركىزى لىيوندىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، 2014 – يىلى دېكابىردا چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، مىسىر ۋە قاتار پۇقراسى بولغان يۈسۈف قەرزاۋى ئۈستىدىن «قەستەن جىنايەت سادىر قىلىشقا قۇترىتىش ۋە ياردەم بېرىش، مەھبۇسلارنىڭ قېچىشىغا ياردەم بېرىش، ئوت قويۇپ بېرىش ۋە بولاڭ – تالاڭ قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ» «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانىلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

قاتاردا ياشايدىغان قەرزاۋى مىسىردا تۇنجى قېتىم سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلىشىگە قارشى چىققان، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.

مىسىر ئەدلىيەسى قەرزاۋىنى بىرقاتار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 2013 – يىلى دېكابىردا ئۇنىڭ ئۈستىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنغانىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى مىسىرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يۈسۈف قەرزاۋى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى ئۈستىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چققارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر