چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 30.11.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1098177
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 30.11.2018

 

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە قاتار ئىستىراتېگىيە ئالىي كومىتېتىنىڭ 4نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلغانلىقىنى، يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرى شەيىخ تامىم بىن ھامىد ئالتانىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «Bloomber» خەۋەر قانىلى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەدىكى بەزى رايونلارنى ئىشغال قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ي پ گ/ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدە، تۈركىيەنىڭ كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىدە توختىلىپ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن دۇنيانى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان لايىھە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئامېرىكىنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزنى بىر تىنچلىق دېڭىزىغا ئايلامدۇرۇش كېرەكلىكىنى جىكىلىگەنلىكىنى ھەمدە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسلىسىدىكى چۇشىنىشمەسلىكلەرنىمۇ ديالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرىقىدا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇنىڭ: «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەمەد بىن سەلمان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىشنى تەلەب قىلدى ۋە ھازىر كۆرۈشىشكە توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق سەۋەب يوق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيەدىكى نامايىشلارغا ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ياۋروپانىڭ سۈكۈت قىلىۋتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «ھازىر پارىژدا تېررورلۇق يۈز بەرمەكتە. شۇنداق ئىكەن خەلقئارا مېدىيادىن بىرەر سادا چىقتىمۇ؟ ياق، دۇنيا سۈكۈت ئىچىدە پارىژنى كۆرمەيۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن كۆرمەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئېتىبارىغا داغ چۈشىشىنى خالىمايدۇ. سىلەر بۇنى خالاڭلار ياكى خالىماڭلار، دۇنيا بۇنى تەقىب قىلماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدا، يەرلىك پۇل بىرلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىبرىستىكى ھەر خىل پەرۋاسىزلارچە پەزىتسيەلەرگە قارشى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى ۋە: «بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن گېرىتسىيە بىلەن قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەتلىرى، بىرىنچى بولۇپ ئۆزلىرىگە تەھدىت ۋە خەۋپنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.    

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈركىيەدە جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ جىنايەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئەلچىخانا بىناسى جايلاشقان ئەنقەرەدىكى كوچىغا ئاتاقلى مۇسۇلمان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مالكولم ئىكسنىڭ ئىسمى قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيەنىڭ «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا مۇھىم شېرىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر