دۇنياغا داڭلىق  Bollywood  ئارتىسى تۈركىيەگە كەلدى

Bollywood  نىڭ دۇنياغا داڭلىق چولپانلىرىدىن فاتىمە سانا شائىق تۈركىيەگە كەلدى.

1097532
دۇنياغا داڭلىق  Bollywood  ئارتىسى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامىر خان بىلەن باش رولنى ئورتاقلاشقان «دانگال» ناملىق فىلىم بىلەن تونۇلغان فاتىمە سانا شائىق، ئىستانبۇل ۋە كاپادوكيانى ئايلانغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەنىڭ ناھايىتى ياخشى ھەم گۈزەل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، ئەسلىدە تۈركىيە مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ھەم گۈزەل دۆلەت ئىكەن. تۈركىيە خەلقى مېھىر – شەپقەتلىك، كۆيۈمچان ۋە مېھماندوست ئىكەن، لەزەتلىك يېمەك – ئىچمەكلىرى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر