ئىيوردانىيە مەلىكىسى تۈركچە ئۆگەنمەكتە

ئىيوردانىيە مەلىكىسى راھمە بىنت ئەل ھەسەن يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتى تەرىپىدىن ئېچىلغان كۇرسلاردا تۈركچە ئۆگەنمەكتە.

1090867
ئىيوردانىيە مەلىكىسى تۈركچە ئۆگەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تۈركىيە كۈلتۈرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىېرشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، تۈرك تىلى مائارىپىنى ئوخشاش بولمىغان خەلقلەر ئارىسىدا قانات يايدۇرۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. 

يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئىيوردانىيەدە ئاچقان تۈركچە كۇرسىلىرىغا بولغان قىزىقىش، پەقەت تۈركىيەدە ئوقۇشنى خالايدىغانلار ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىشنى خالايدىغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، پادىشاھ ئائىلىسىگىچە كېڭەيدى. 

پادىشاھ 2ئابدۇللاھنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى مەلىكە راھمە بىنت ئەل ھەسەنمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتىنىڭ تۈركچە كۇرسىغا قاتناشماقتا.

يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئاممان شۆبىسى مۇدىرى چەنگىز ئەرئوغلۇ ئىيوردانىيەدىكى تۈرك تىلغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن يوقۇرى ئىكەنلىكىنى، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 200 ئوقۇغۇچىنىڭ ئامماندىكى كۇرستا تۈركچە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ سانغا يەنە، ئىيوردانىيە ۋە ئەل يۇمرۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۈزلىگەن تۈرك تىلى ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چەنگىز ئەرئوغلۇ، تەجرىبىلىك تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىيوردانىيەلىكلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتىتۇتىنىڭ كۈرسلىرىنى تاللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەنگىز ئەرئوغلۇ ئىيوردانىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوقۇشلىرىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى شۇڭا تۈرك تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بىراق ساياھەت ساھەسىنىڭمۇ تۈرك تىلىغا بولغان قىزىقىشقا مۇھىم تۆھپىسى بارلىقىنى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىيوردانىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر