ئايشەگۈل ئۆزبەغە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا، خىتاي رىقىبىگە قارشى مەيدانغا چۈشىدۇ
مىللىي چېلىشچىمىز جەنگىز ئارسلان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 23 ياشتىن تۆۋەنلەر بويىچە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش چېلىشىش مۇسابىقىسى 4 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
رومېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا 72 كېلولۇقلار تۈرى بويىچە مىللىي چېلىش ماھىرىمىز جەنگىز ئارسلان ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
گروزىيەلىك رەقىبى راماز زوئىدنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنگىز ئارسلانغا تېلېفون قىلىپ، ئالتۇن مېدال ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
60 كېلولۇقلار بويىچە مىللىي تەنتەربىيەچىمىز كەرەم كامال ئۈچىنچىلىك مۇسابىقسىدا، ئۆزبېكىستانلىق رەقىبى ئىسلام باخراموۋنى 1 گە قارشى 9 نەتىجە بىلەن يېڭىپ تۇچ مېدالغا ئېرىشتى.
67 كېلولۇقلار بويىچە مىللىي چېلىشچىمىز مۇرات فىرات بولسا، رۇسىيەلىك رەقىبىگە يېڭىلىپ قالدى ۋە ھېچقانداق مېدالغا ئېرىشەلمىدى.
مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە ئايال چېلىشچىلارنىڭ 50، 55، 59، 68 ۋە 76 كېلولۇلار بويىچە تاللاش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيەگە 50 كېلولۇقلار بويىچە ئاينۇر ئەرگە، 55 كېلولۇقلار يويىچە مېھلىكا ئۆزتۈرك، 59 كېلولۇقلار بەيىچە نۇراي قاراداغ، 68 كېلولۇقلار بويىچە بەستە ئالتۇغ ۋە 76 كلولۇقلار بويىچە ئايشەگۈل ئۆزبەغە ۋەكىللىك قىلدى.
تاللاش مۇسابىقىلىرى نەتىجىسىدە، 76 كېلولۇقلار بويىچە ئايشەگۈل ئۆزبەغە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
مىللىي چېلىشچىمىز ئايشەگۈل ئۆزبەغە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا، خىتاي رىقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىغا چۈشىدۇ.