«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە باشلىنىدۇ

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ ئەڭ يۇقىرى قىزىقىش قوزغىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» نىڭ  5 - پەسلى يېڭىلەنگەن ئارتىسلار بىلەن بۈگۈن باشلىنىدۇ.

1083429
«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھنە كۆرىنىشى، زىنەتلىرى، ئارتىسلىرى ۋە ئەنئىنىۋىي كېيىم كېچەكلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 5پەسىل 1بۆلىمى بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە ت ر ت 1 قانىلى ئىكرانلىرىدا مەستانىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

تەكدەن كېنو فىلىم سىتىدىيوسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇنداقلا سىنارىيەسى بىلەن رىژىسسورلۇقىنى مەھمەت بوزداغ ئۆز ئۈستىگە ئالغان «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» نىڭ ئالدىنقى پەسىللىرىدىكى بارلىق سەھنە تەرتىپى ۋە زىننەتلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلدى. كېيىم كېچەكلەرگىمۇ يېڭىلىق قوشۇلدى.

«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» نىڭ يېڭى پەسىل مۇقەددىمىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ياز بويىچە 5پەسلى ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، تەخمىنەن 250 كىشىلىك گۇرۇپپا تەرىپىدىن يېڭى بىر سۇغۇت شەھىرى بىنا قىلىندى.

«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تۈركىيە ۋە دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي 3 مىليارد كۆرۈرمەنگە ئىرىشىشتىن باشقا يەنە، 25 تىلغا تەرجىمە قىلىندى. فىلىمنىڭ 5 - پەسلىدە ئارتىسلارنىڭ تەخمىنەن %60 ى ئۆزگەرتىلدى.

مەتىن گۇناي رىژىسسورلۇقىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەنگىن ئالتان دۈزياتان، ھۇليا دارجان، ئىلكەر ئاقسۇم، ھاندە سورال، چەنگىز جوشقۇن، نۇرىتتىن سۆنمەز، ئايبېرك پەكجان، كايرا شەنئۇجاق، ئارىف دىرەن، بۇرجىن ئابدۇللاھ، ئورچۇن ئىينەملى، ئەمرە ئۈچتەپە، كەرەم باكىشئوغلۇ، ئەلى بۇخارا مەتە ۋە دىدەم بالچىن قاتارلىق ئارتىسلار ئاساسلىق روللارنى ئالىدۇ.

«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» جەمئىي 85 دۆلەت تېلېۋىيەسىدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پەسىلنىڭ يېڭىلانغان ئارتىسلار بىلەن تېخىمۇ قىزىقارلىق ھالغا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر