دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى مۇسۇلمان بولدى

دۇنياغا داڭلىق ئىرېلادىيەلىك ناخشىچى سىئېيئاد ئوكوننور مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

1076216
دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى مۇسۇلمان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Irish Post › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوكوننور ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، كاتولىك خىرىستىيانلىقنى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دىنىنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھەم بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۇ، ھەر بىر ئەقىل پاراسەتلىك دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ تەبىئىي رەۋىشتە يەكۈنلەشكە تېگىشلىك نەتىجىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ئىسلامغا ئېلىپ بارماقتا. جۈملىدىن، ئىسلام باشقا مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئىناۋەتسىز قىلماقتا. بۈگۈن بۇ سەھىپىدە مېنى قوللىغان قىز – ئوغۇل بارلىق قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. سېلەرنىڭ بۇ غەمخورلۇقۇڭلار ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

51 ياشلىق ناخشىچى ئوكوننور ئىسمىنى «شۇھەدا داۋىت» قا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter دىكى يېڭى سەھىپىسىدە، ياغلىق چېگىپ چۈشكەن رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلەشتى. ئۇنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىدىكى «بەختلىك» تەرىقىسىدىكى ئەسكەرتمىسى دىققەت قوزغىدى.

ئوكوننور 1990 – يىللاردىمۇ كاتولىك دىنىنى تاللاپ، ئىسمىنى ماگدا داۋىتقا ئۆتگەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر