تۈركىيە تونۇشتۇرۇلىدىغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوللاش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە

كۆپلىگەن دۆلەتلەردە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان تۈركىيە تونۇشتۇرۇلىدىغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى يېڭى قانۇن ئارقىلىق قوللاش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.

1069810
تۈركىيە تونۇشتۇرۇلىدىغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوللاش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە اسياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يىلىغا 350 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت كىرىمى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى يېڭى «كىنوچىلىق خىزمىتى قانۇنى» ئارقىلىق قوللاشقا تەييارلماقتا.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، يېقىندا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغان قارارنامە ئارقىلىق، چەت ئەللەردە قويۇلۇش شەرتى بىلەن تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشىدىغان يەرلىك ياكى ئورتاق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوللاش پىلانلانماقتا.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا 150 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرى، 500 مىليوندىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرگۈچى تەرىپىدىن كۆرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر