جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرى فېستىۋالى باشلاندى

2018 – 2019 – يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرى فېستىۋالى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى يىغىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى.

1066910
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرى فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېستىۋالنىڭ رەنگىم گۆكمەن رېژىسسورلۇقىدىكى ئېچىلىشىغا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك خور ئۆمىكىدىن سىرت يەنە، دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە باللېت ئۇسسۇلى سەنئەتچىلىرىدىن گۆركەم ئەزگى  يىلدىرىم، تەنور بۈلەنت بەزدۈز ۋە زەفەر ئەرداش قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

كونسېرتتا نەشەت ئەرتاشنىڭ «زاھىدەم»، «ئەدنان سايگۇننىڭ «يۇنۇس ئەمرە ئوراتورىيەسى» قاتارلىق مەشھۇر تۈرك  مۇزىكىلىرىدىن نەمۇنىلەر ئورۇندالدى.

كونسېرتنىڭ ئاخىرىدا سەھنىگە چىقىپ، سەنئەتچىلەرنى تەبرىكلىگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم، «فېستىۋالنىڭ ئېچىلىشىدا نامايەن قىلغان ماھارىتىڭلار ئۈچۈن بارلىق تاماشىبىنلار نامىدىن سىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. فېستىۋالدا باشتىن – ئاخىر سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرى كونسېرتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر