بېلگىيەدە بوۋاقلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

بېلگىيەدە يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان ئىسىملار ئارىسىدا «مۇھەممەد» بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

1063300
بېلگىيەدە بوۋاقلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە 2017 – يىلى تۇغۇلغان 718 بوۋاققا «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا، 570 ئوغۇل بوۋاققا «لىئام» ئىسمى قويۇلغان.

دۆلەتتە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پايتەخت بىريۇسسېلدا 18 مىڭ 44 ئوغۇل بوۋاققا «مۇھەممەد» ئىسمى  قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن، «مۇھەممەد» ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىم بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  «مۇھەممەد» ئىسمى ئۆتكەن ئاي ئەنگلىيە ۋە گاللېردا ئەڭ كۆپ قويۇلغان 10 ئىسىم قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر