ئىككى يېڭىلمەس بوكىس ماھىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئېلان قىلغان دوئېللىرى ھاياجان ياراتتى

لوس ئانژېلېستا 1 – دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بوكىس مۇسابىقىسى ھازىردىن باشلاپلا ھەممىنى ھاياجانغا سالماقتا.

1062210
ئىككى يېڭىلمەس بوكىس ماھىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئېلان قىلغان دوئېللىرى ھاياجان ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى بوكىس ماھىرىنىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى قاتتىق تالاش تارتىشلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاتاقلىق بوكىس شاھى فۇررىي رەقىبى ۋىلدېرنىڭ ئېلان قىلغان دوئېللىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېنىغا بېرىشى بىلەن تەڭ جىددىيچىلىك يۈز بەردى.

ئامېرىكىنىڭ بوكىس شاھى ۋىلدېرسنىڭ «مېنىڭ ئالدىمغا چىقىشىڭ ئۈچۈن 2 ئاي ۋاقتىڭ بار. ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىل» دېگەن سۆزلىرىگە فۇررىي قاتتىق غەزەپلەندى ۋە: «2 ئايغا ئېھتىياجىم يوق، خالىساڭ كېلەر ھەپتە ئاخىرىدا مەيدانغا چۈشەيلى!» دەپ دوئېل ئېلان قىلدى.

«يېڭىلمەسلەر» دەپ نام ئالغان ئىككى بوكىس ماھىرى دەسلەپتە ئاغزاكى تالاش تارتىش قىلغاندىن كېيىن، بىر - بىرىگە ئېتىلدى.  

ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ۋە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئىككى ماھىرنى تەسلىكتە ئايرىدى.

ئىككى يېڭىلمەس ماھىرنىڭ كېلەر قېتىملىق مۇسابىقىسىنى ھەممەيلەن تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە.

«WBC» ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ۋىلدېرس، مەيدانغا چۈشۈشكە باشلىغاندىن بۇيانقى 40 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھېچ بىرىدە يېڭىلىپ باقمىغان بولۇپ، رەقىبى فۇررىيمۇ مەيدانغا چۈشۈشكە باشلىغاندىن بۇيانقى 27 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھېچ بىرىدە بىرەر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىدى.

بوكىس ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە، دەپ باھا بېرىلىۋاتقان فۇررىي بىلەن ۋىلدېرنىڭ مۇسابىقىسىدا، كىم غەلىبە قىلسا، ئۇنىڭ «WBC» ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ 3 پەرقلىق تۈرى بويىچە چېمپىيونلۇق كەمىرىنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ئاتاقلىق بوكىس شاھى ئانتونىي جۇشا بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر