21 – سېنتەبىر «دۇنيا تىنچلىق كۈنى»

21 – سېنتەبىر «دۇنيا تىنچلىق كۈنى» مۇبارەك بولسۇن!

1054142
21 – سېنتەبىر «دۇنيا تىنچلىق كۈنى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېتلېر گېرمانىيەسى پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان 21 – سېنتەبىر كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەدە «دۇنيا تىنچلىق كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتا ئۇرۇش پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى ھەم كەڭ تارقىلىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بەزىدە رايونلۇق توقۇنۇشلار ۋە ئۇ رۇشلارمۇ يۈز بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، باراۋەرلىك پىرىنسىپىدىن خالىي ھالدا 5 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭغا كۆپلىگەن دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە تەنقىد قىلغان بولۇشىغا قارىماي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.

پەلەستىن مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ 5 ئەزادىن بىرەرسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ئورتاق قارارلارنى چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيا 5 تىنمۇ چوڭدۇر» پىكرىنى قوللايدىغانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا رولى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ باراۋەرلىكچى ۋە بىتەرەپ بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان ھالدا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز.

21 – سېنتەبىر «دۇنيا تىنچلىق كۈنى» مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر