قالىن: غازىلار تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدۇ
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن غازىلارنىڭ ۋەتەن، مۇستەقىللىق ۋە ئىستىقبال ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدىغان ئېيتتى.
1052791
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن «غازىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غازىلارنىڭ ۋەتەن، مۇستەقىللىق ۋە ئىستىقبال ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدىغان تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان بەگنىڭ ئاتىسى ئەرتۇغرۇل بەگدىن 1453 – يىلى ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان فاتىھ سۇلتان مەھمەتكىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركتىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان ۋە ھازىرمۇ ياشاۋاتقان بارلىق غازىلىرىمىزغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»