ئىراندا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ئىراندا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن 5 ئەسكەر يارىدار بولدى.

1048357
ئىراندا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەنىڭ خەۋىرىدە، ئىران ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كەرەچ ئەتراپىدىكى مەلارد ناھىيەسىدە، مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

«Chinook» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە 5 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر