پاكىستاننىڭ تۈرمىدىكى سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ ئايالى ۋاپات بولدى

پاكىستاننىڭ تۈرمىدىكى سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ راك كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان ئايالى بېگىم گۈلسۈم ناۋاز ۋاپات بولدى.

1047561
پاكىستاننىڭ تۈرمىدىكى سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ ئايالى ۋاپات بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناۋاز شەرىفنىڭ قېرىندىشى ۋە پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى شاھباز شەرىف ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ھارلېي سىترېت دوختۇرخانىسىدا بىر يىلدىن بۇيان راك كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان يەڭگىسى بېگىم گۈلۈسم ناۋازنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گۈلۈسم ناۋاز يۈرەك ۋە ئۆپكىسىدىكى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن كەچتە جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن ئىدى.

گۈلۈسم ناۋازنىڭ ئەھۋالى ئىيۇن ئېيىدا ئېغىرلىشىپ ھۇشىنى يوقاتقان بولۇپ، لوندا تۇرۇۋاتقان يولدىشى ناۋاز شەرىف ۋە قىزى مەريەم شەرىف پاكىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇلارغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى تارتىش ئۈچۈن پاكىستانغا قايتىپ كېتىپ، بىر كۈندىن كېيىنلا ھۇشىغا كەلگەن ئىدى.

ناۋاز شەرىف بىلەن 46 يىللىق ئائىلىسى ۋە 4 پەرزەنتى بولغان گۈلسۈم ناۋاز، پەرۋىز مۇشەررەفنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان يولدىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرەلىك باشلىغان ئىدى.

گۈلسۈم ناۋازنىڭ دەپىن مۇراسىمى پاكىستاندا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

پاكىستان مېدىياسى ناۋاز شەرىف ۋە قىزى مەريەمنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن 5 سائەتلىك رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر