نەمرۇت تېغى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى
نەمرۇت تېغىنى دېكابىر ئېيىدىن ئىيۇن ئىيىغىچە بولغان جەرياندا ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئادىيامان ۋىلايىتىگە قاراشلىق كاھتا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى «قوياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرگىلى بولىدىغان جاي» دەپمۇ تونۇلغان شۇنداقلا ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» تەرىپىدىن دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلكەن نەمرۇت تېغىغا بولغان قىزىقىش بارغانچە يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا.
نەمرۇت تېغى دۆلەتلىك ساياھەت مەركىزى سۈپىتىدە ئالاھىدە قوغداش ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى كومماگەنە پادىشاھلىقىغا تەۋە، ئېگىزلىكى 50 مېتىر ۋە كەڭلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان قەبرە تۆپىلىكى شۇنداقلا چوڭ ھەيكەللەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېگىزلىك ساياھەتچىلەرگە تولىمۇ گۈزەل مەنزىرە سۇنىدۇ.
تۈركىيەنىڭ 1987 – يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» تەرىپىدىن دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلكەن 3 – مۇھىم يادىكارلىقى ھېسابلىنىغان نەمرۇت تېغىنى دېكابىر ئېيىدىن ئىيۇن ئىيىغىچە بولغان جەرياندا ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشتى.
ئادىيامان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسى مۇدىرى مۇستەپا ئەكىنجى، نەمرۇت تېغىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەت يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرلەشكەن نۇقتىسىغا جايلاشقانلىقىنى ۋە ئۇستى ئوچۇق مۇزىيى بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «نەمرۇت تېغىغا بۇ يىل ئىچىدە 45 مىڭ ساياھەتچى كەلدى. بۇلاردىن 14 مىڭى چەت ئەللىك بولدى. ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كېلىدىغان ۋاقىت سىنتەبىر، ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز. نىشانىمىز بۇ يىل ئىچىدە زىيارەتچى سانىنى 100 مىڭدىن ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
مۇستەپا ئەكىنجى بۇ يىل چەت ئەللىكلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ياپونىيەلىكلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرى سىيبىھا ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتمۇ نەمرۇت تېغىنى زىيارەت قىلدى.
ئاندىرى سىيبىھا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان تارىخىي جايلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدىغان ۋە قايتا - قايتا زىيارەت قىلىشنى خالايدىغان جاينىڭ بولسا، نەمرۇت تېغى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.