جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ.

1023237
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 1 – 8 – ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1]. ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ـ ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر[2]. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[3]. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ[4]. ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (يەنى ئۇلارغا ئازاب نازىل بولۇپ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋىرى ئېنىق بولىدۇ)[5]. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق[6]. (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار، شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر[7]. ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى[8].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر