ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

1018561
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 104 – 108 – ئايەتلەر. ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)[104]. ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[105]. ئى مۆمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) غەيرىي دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرمىز، بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلادىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن[106]. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن[107]. بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[108].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر