رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى قىززىپ كەتتى

فىرانسىيە ۋە ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

1003475
رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى قىززىپ كەتتى
uruguay-portekiz1.jpg
uruguay-portekiz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 2018يىللىق پۇتبول فېدېراتىسيەلىرى بىرلىكى «FIFA» نىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاخىرقى 16 - باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغان كەلتۈردى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 13مىنۇتتا فىرانسىيە كوماندىسىدىن گىرېزمان بىر توپ كىرگۈزۈپ، 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 41مىنۇتىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن دى مارىيامۇ قارشى تەرەپكە بىر توپ كىرگۈزۈپ، باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈردى.

رىقابەتنىڭ دەسلەپكى يېرىمى 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن باراۋەر ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى يېرىمىنىڭ 48مىنۇتىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن مىسسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. فىرانسىيە كوماندىسىدىن پاراۋرد 57مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ، يەنە باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈردى.

فىرانسىيە كوماندىسىدىن مىباپپە 64ۋە 68 - مىنۇتىدا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، 2 گە قارشى 4 نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقىنىڭ 90 + 3مىنۇتىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئاگۇرونىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئوتتۇرىدىكى پەرق بىرگە چۈشتى.

مۇسابىقىدە، فىرانسىيە كوماندىسى 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يەڭدى.

رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 2018يىللىق پوتبول فېدېراتىسيەلىرى بىرلىكى «FIFA» نىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاخىرقى 16 باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدا يەنە، ئۇرۇگۋاي كوماندىسىمۇ پورتۇگالىيەنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق فىرانسىيەنىڭ رەقىبىگە ئايلاندى.

ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن جاۋا مۇسابىقە باشلىنىپ 7مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزدى. 55مىنۇتىدا پورتۇگالىيەدىن پەپەنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن تەڭلەشتى.

62مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن مەشىن بىر توپ كىرگۈزۈپ 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى.

مۇسابىقىنىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇرۇگۋاي نەتىجىسىنى قوغداپ قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشىپ، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيەنى يەڭدى ۋە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق فىرانسىيەنىڭ رەقىبىگە ئايلاندى.

فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 6ئىيۇل جۈمە كۈنى نىزنىي نوۋگورود تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر