خىتايدا تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى زور ئۇتۇققا ئېرىشتى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈردى.

1003051
خىتايدا تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى زور ئۇتۇققا ئېرىشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، خەلقئارا ۋالىبول فېدېدراتسىيەسى «FIVB» بىرلىكىنىڭ 6- يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدا بېرازىلىيەنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش سەۋىيەسىگە يۈكسەلدى.

خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇسابىقىلارنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ قىسمىدا ب گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىلارنى ئىككىنچىلىك بىلەن تاماملىغان تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، ئا گۇرۇپپىسىنى بىرىنچى بولۇپ تاماملىغان بىرازىلە كوماندىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشتى.

مۇسابىقىدا 2 مەيداننى 23 كە قارشى 25 نەتىجە بىلەن تاماملىغان تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسى، باشتىن ئاخىر ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمەي، 3مەيداندا 22 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۇتۇققا ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنىڭ يەنە بىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇسابىقىسىنى بۈگۈن ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىسىدا غەلىبە قىلغان تەرەپ بىلەن تۈركىيە كوماندىسى ئەتە سائەت 14:00 دە چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر