دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا روزى ھېيت تەبرىكلەنمەكتە
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار روزى ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرىلىندە مىڭلارچە تۈرك روزى ھېيت نامىزى ئۈچۈن شېھىتگاھلىق جامەسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
روزى ھېيت نامىزىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىسى ئەلى كامال ئايدىن غۇربەتچىلەرنىڭ روزى ھېيت تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلدى.
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىمۇ روزى ھېيت تەنتەنىسى بار ئىدى.
پايتەخت سارايىۋونىڭ غازى ھۈسرەۋ بەگ جامەسىدە روزى ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.
ماكېدونىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ھىندونېزىيە، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار روزى ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
كەركۈكنىڭ مۇساللا رايونىغا جايلاشقان ئاۋجى جامەسىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى ئادىل مەھمۇد، دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە مۇسۇلمان مىللەتلەرنى پەقەت تۈركىيەلا باغرىغا باسماقتا. پەلەستىن، غەززە، ئاراكان ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردىگە ھەمىشە تۈركىيە دەرمان بولماقتا.»