ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى: دۆلەتتىكى جامەلەرنى تاقىۋېتىمىز

ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى ۋە ئوڭچىل ئاۋىستىرىيە خەلق پارتىيەسى رەھبىرى سەباستىئان كۇرز دۆلەتتىكى 7 جامەنى تاقايدىغانلىقلىرىنى ۋە بىرقانچە ئىمامنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

988900
ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى: دۆلەتتىكى جامەلەرنى تاقىۋېتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سەباستىئان كۇرز بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارارنىڭ دۆلەتتىكى دىنىي خادىملار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پاراللېل  جەمئىيەتلەرگە، سىياسىي ئىسلامغا ۋە رادىكاللىشىشقا دۆلىتىمىزدە يەر يوقتۇر. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، دۆلەتتىكى 7 جامەنى تاقايمىز ۋە بىرقانچە ئىمامنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىمىز.»

ئۇ ئىلگىرىمۇ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋىيېننا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرگە بېرىلىۋاتقان دۆلەت ياردەملىرى ھەققىدە توختالغاندا، «بۇ  جەمئىيەتلەرگە قارىتا تېجەشلىك بولۇش لازىم» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر