جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دۇنيا مۇھىت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «5 – ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى.

986409
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دۇنيا مۇھىت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «5 – ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش، قۇرغاقچىلىق، چۆللىشىش، بىيولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ۋە بەزى جانلىقلارنىڭ نەسلىنىڭ تۈگەپ كېتىشى قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشتە، تەبىئىي بايلىقلار ھەم تەبىئەتتىكى جانلىقلارنى قوغداش، پىلانلىق شەھەرلىشىش،  كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان پىلان – لايىھەلەرنى تۈزۈش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

تۈركىيەنىڭ مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى ئىزچىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەر دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەرلىشىش، ئېنېرگىيە ۋە تېخىمۇ كۆپ ساھەدە مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇق نىسبەتلىرىنى تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تېخىمۇ يېشىل بىر دۇنيادا تىنچ ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىيالىشى، بارلىق جانلىقلارنىڭ ئورتاق بايلىقى بولغان تەبىئەتنى قوغداش نىشانىغا پەقەت مۇھىتنى ئاسراش ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدۇ. بىيولوگىيەلىك باراۋەرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغان، تەبىئىي بايلىقلار سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان، مۇھىت ئاسرالغان، پىلانلىق شەھەرلىشىشكە ئاسالىنىدىغان، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بىر كېلەچەك ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ھەم يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەبىئىي بايلىقلار ھەم شەھەرلەرنىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىسىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈش ۋە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەكىتلىدى.

باياناتىدا، «دۇنيا مۇھىت كۈنى» نىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك  مۇھىت ئاسرىشىغا ھەسسە قوشۇشىغا مۇھىم رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ يېشىل بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەممە كىشىنى مۇھىتقا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر