ئەردوغان فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ مەقبىرىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدىكى سۆزىدە مەقبىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تېلىدى. ئەمگىكى سىڭگەنلەرگە رەخمەت ئېيتتى. ئاندىن ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرگە دۇئا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن رېمۇنت قىلىنغان مەقبىرىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرگە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئىستانبۇل ۋىلايەت مۇفتىسى ھەسەن كامىل يىلماز، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى مۇدىرى جوشقۇن يىلماز، ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى بايرام شەنئۇجاق ۋە باشقا مەسئۇللارمۇ قاتناشنى.
ئەردوغان مۇراسىمدىكى سۆزىدە مەقبىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تېلىدى. ئەمگىكى سىڭگەنلەرگە رەخمەت ئېيتتى. ئاندىن ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرگە دۇئا قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ رېمۇنتى ئاخىرلاشقان مەقبىرىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. مەقبىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئالاقىدار مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى.
ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ 7 - پادىشاھى، 2 – مەھمەت دەپمۇ ئاتىلىدىغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت ياۋروپادا «Grand Turco» «بۈيۈك تۈرك» ياكى «Turcarum Imperator» يەنى «تۈرك ئىمپېراتورى» دېگەن ناملار بىلەنمۇ مەشھۇر.
ئۇ تاكى ۋاپاتىغىچە 32 يىللىق ھاكىمىيەت سۈرگەن بولۇپ، ئۇ تېخى 21 يېشىدا، 1453 – يىلىدا ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ، مىڭ يىللىق ۋىزانتىيە ئىمېپېرىيەسىگە خاتىمە بەرگەن شۇنداقلا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىنىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى.