ئى مۆمىنلەر! دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار

ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار.

976624
ئى مۆمىنلەر! دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 57 – 63 – ئايەتلەر. ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار[57]. سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر[58]. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟»[59] (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»[60]. (يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ[61]. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![62] ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئەھبارلىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![63]



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر