پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

مۇسۇلمانلار 2023 – يىلىغا بارغاندا ياۋروپا نوپۇسىنىڭ % 8 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

969350
پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە،  نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكى ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋىستىرىيالىيەدە ياشايدىكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ياۋروپادا 44 مىليوندىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكىنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىئسپورالاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

كانادا، فىرانسىيە، ئاۋىستىرىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار يەرلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ  ياش ئىكەن. ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئاۋىستىرىيەنىڭ نوپۇسىنىڭ % 21.2 تىنى تۈركلەر تەشكىل قىلىدىكەن.

مۇسۇلمانلار سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ماراكەشلىك ۋە تۈركىيەلىك مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بېلگىيەدىن قالسا، بۇلغارىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، رۇسىيە، سېربىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە ئۇكرائىنا كېلىدىكەن.

فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى بولۇپمۇ تۇنىسلىق، ئالجىرىيەلىك ۋە ماراكەشلىكلەر، گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىسىنى تۈركلەر، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى بولسا ھىندىستانلىق ياكى پاكىستانلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ قىتئەلەردىكى تارقىلىش نىسبىتى بويىچە ئېيتقاندا، ئاسىيا قىتئەسى بىرىنچى، ئافرىقا قىتئەسى ئىككىنچى، ياۋروپا قىتئەسى ئۈچىنچى، ئامېرىكا قىتئەسى تۆتىنچى، ئوكيانىيە قتئەسى بەشىنچى  ئورۇندا تۇرىدىكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 2023 – يىلىغا بارغاندا ياۋروپا نوپۇسىنىڭ % 8 تىنى، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ % 2.1 تىنى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر