بۈگۈن بەرائەت قەندىلى

«رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان «بەرات قەندىلى» بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.

961381
بۈگۈن بەرائەت قەندىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرات قەندىلى 19 – مارت كۈنى باشلانغان «مۇبارەك ئۈچ ئاي» نىڭ ئىككىنچىسى  بولغان شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كېچىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىسلام ئېتىقاد مەپكۇرىسىدا، «بەرات»، «گۇناھلاردىن پاكلىنىش»، ئىلاھىي مەغپىرەت ۋە ئىلاھىي رەھمەتگە نائىل بولۇش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بەرات قەندىلى» ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كېچىسىنى تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار، كۈندۈزى روزا تۇتۇڭلار. چۈنكى جانابىي ئاللاھ شۇ كېچىسى ئەڭ تۆۋەنكى ئاسمانغا ئىلاھىي رەھمىتى بىلەن تەجەللى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: <تەۋبە قىلغۇچى بارمۇ؟ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلاي، رىزىق تەلەپ قىلغۇچى بارمۇ؟ رىزىق بېرەي، مەندىن شىپالىق تىلىگۈچى بارمۇ؟ شىپالىق ئاتا قىلاي، ماڭا باشقا تىلەكلەردە بولىدىغانلار بارمۇ؟ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلاي>.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر