سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئامېرىكىچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئامېرىكىچە چېلىشىش فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر مۇسابىقىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

960436
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئامېرىكىچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىدە پادىشاھ ئابدۇللاھ تەنتەربىيە زالىدا «Greatest Royal Rumble» دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكىچە چېلىشىش ماھىرلىرىدىن تىرىپىل ھ بىلەن جۇن جېنا مۇسابىقىغا چۈشتى ۋە جون جېنا ئۇتۇپ چىقتى.

تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ مۇسابىقە سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك تەنتەربىيە قاناللىرىدىن باشقا يەنە، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قاناللىرىدىمۇ ئۇلاپ كۆرسىتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەنتەربىيە ئىدارىسى باشلىقى تۇركى بىن ئابدۇل مۇھسىن ئالى شەيىخ قېۋرالنىڭ ئاخىرىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئامېرىكىچە چېلىشىش فېدېراتسىيەسى بىلەن 10 يىللىق كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

جىددىدە پادىشاھ ئابدۇللاھ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەردە، «Greatest Royal Rumble» مۇسابىقىلىرىغا قاتناشقان ماھىرلاردىنمۇ بولۇپ، جەمئىي 50 چېلىشچى رىقابەتكە چۈشىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر