تۈرك چولپانلار ياۋرو-ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە زىيارەتچىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى

ئانتاليادا داۋاملىشىۋاتقان 2018 – يىللىق ياۋرو-ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىنىڭ چېمپىيونى مىللىي غۇرۇرىمىز «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بولدى.

959355
تۈرك چولپانلار ياۋرو-ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە زىيارەتچىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ئايرودۇرۇمىنىڭ تاشقى لىنىيەسى تېرمىنالىدا داۋاملىشىۋاتقان پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى قاتناشقان ياۋرو-ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە ئايروپىلانلار كۆرگەزمە قىلىندى.

يەرمەنكە دائىرىسىدە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سېرك ئەترىتىدىكى تۈرك چولپانلار بىلەن «ئاتاق» ناملىق  مىللىي تىك ئۇچار ئايروپىلان ماھارەت كۆرسەتتى.

ماھارەتنى يەرلىك ۋە چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر كۆردى.

ئىگىلىنىشىچە، 2018 – يىللىق ياۋرو-ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى 29 – ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر