يەھۇدىي كۆچمەنلەر جامەگە بايراق ئاستى
ئەلخەلىلدە ياشاۋاتقان يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئىشغال قىلىش نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەنىڭ 70 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ئەسناسىدا ئىبراھىم جامەسىگە ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئاستى.
955747

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا ئىبراھىم جامەسىگە بايراق ئاسقان، ھەمدە يۈزلەرچە ئېتىلداقلارنى ئىشلەتكەن.
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىبراھىم جامەسىگە بارىدىغان يولغا كۆپ ساندىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوننى مۇسۇلمانلارغا پۈتۈنلەي تاقىۋالغان.