تۈركىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى
تۈركىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسى FIBA ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.
955115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتاساراي ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى FIBA (خەلىقئارا ۋاسكېتبولچىلار جەمىيىتى) نىڭ 2018 – يىللىق ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئىتالىيەنىڭ رېيېر كوماندىسىغا 72 – 65 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇشىغا قارىماي، تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدىكى 22 نومۇرلۇق ئۈستۈنلۈكى بىلەن چېمپىيون بولدى.