Eurasia Air Show يەرمەنكىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
Eurasia Air Show يەرمەنكىسى تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
940334
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا 25 – 29 – ئاپرېل كۈنلىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان Eurasia Air Show يەرمەنكىسى يەرلىك مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىدىن سىرت يەنە، چەت ئەللەردىنمۇ كۆپ ساندىكى داڭلىق شىركەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن زاكاس قىلىنغان ۋە 2019 – يىلدىن ئېتىبارەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىنىدىغان « F-35 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ Eurasia Air Show يەرمەنكىسى دائىرىسىدە تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.