تېررورچىلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچنى تۇزاق قۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئارمىيەسى مىنا/پارتلاتقۇچ تازىلاش جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچنى تۇزاق قۇرۇپ قويغانلىقىنى بايقىدى.

935465
تېررورچىلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچنى تۇزاق قۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن شەھەر مەركىزى، ئەتراپىدىكى رايونلار ۋە يېزا – قىشلاقلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە مىنا / پارتلاتقۇچ تازىلاۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرى قولغا چۈشۈرگەن ماتېرىياللار تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەھشىيلىكى ھەم ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە قىسىملىرى شەيخ ئوباسى يېزىسىدىكى بىر ئۆيدىن تامغا ئېسىقلىق تۇرغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچ تۇزاق قۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «رەغائىب قەندىلى» ھارپىسىدا قۇرئان كەرىم ئۈستىگە تۇزاق قۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ تېپىلىشى بىلەن يۈز بەرگۈسى قانچىلىغان ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر