بۈگۈن رەغائىب قەندىلى

ئىسلام دۇنياسىدا ئىلاھىي رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە مەغپىرىتى مول مۇبارەك ئۈچ ئاينىڭ خەۋەرچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلى بۈگۈن كېچە ئىدراك قىلىنىدۇ.

934612
بۈگۈن رەغائىب قەندىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە مۇبارەك ئۈچ ئايدىن بىرى بولغان رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى پەيشەمبە كۈنىنى جۈمەگە تۇتاشتۇرىدىغان كېچىسى ئىدراك قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلى «رەھمەت ۋە مەغپىرەت كېچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي پائالىيەتلار باشقارمىسى رەغائىب قەندىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ئەنقەرەدە «مەلىكە خاتۇن»، بۇرسادا «ئۇلۇ»، يوزگاتتا «بۈيۈك چاپانئوغلۇ»، ئايدىندا «كۇللىييە»، كونيادا «ھاجى ۋەيىسزادا»، ئىستانبۇلدا «فاتىھ»، «ئەييۇب سۇلتان» ۋە «ۋالىدەئى جەدىد» جامەلىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەخسۇس پىروگراممىلاردا، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە مەۋلۇت ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر