ئەردوغان «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماكاپاتى» غا لايىق كۆردى.

931168
ئەردوغان «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن  لەفكوشا  ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، «2018 – يىللىق  ئەڭ مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار مۇكاپاتلىرى» ۋە «2018 – يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇكاپاتلىرى» تارقىتىلدى.

 جەمئىيەت مەسئۇلى ھەسەن يىلماز ئىشىق مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماكاپاتى» غا لايىق كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ مۇكاپاتقا تامامەن لايىق ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىشىق، مۇكاپاتنى تۈركىيەنىڭ لەفكوشا باش ئەلچىسى دەريا قانبايغا تەقدىم قىلدى.

 باش ئەلچى قانباي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماكاپاتى» نى ئەردوغانغا ۋەكالىتەن تاپشۇرۇۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى، مۇكاپاتنى چوقۇم ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشتە ئەردوغاننىڭ پۈتكۈل دۇنيا رەھبەرلىرىگە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئېيتقان قانباي، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ دەسلەپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزگىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندۇر. سۈرىيەدە قەتل قىلىنغان، ئائىلىلىرى، شەھەرلىرى بومبىلانغان، بالا – چاقىلىرى مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىغان، ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە پەرىشانلىق ئىچىدە سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ئىنسانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغان ھەم باغرىغا باسقانمۇ يەنىلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر