مەرھۇم باش مىنىستىر ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 7 – يىللىقى خاتىرىلەندى

پايتەخت ئەنقەرەدە سابىق باش مىنىستىرلاردىن «مىللىي كۆرۈش» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى نەجمەتتىن ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 7 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

919913
مەرھۇم باش مىنىستىر ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 7 – يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سابىق ۋە يېڭى رەھبەرلىرى قاتناشقان پائالىيەتكە ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تېلېگرامما يوللىدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: «مەرھۇم رەھبىرىمىز ۋە ئۇستازىمىز ئەرباقان ھاياتىنى ئېسىل ئەخلاق، ئادالەت ۋە تىنچلىق ئۈچۈن تەقدىم قىلغان، دۆلىتى ھەم خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەمىشە ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان مىسلىسىز ۋە پەزىلەتلىك داۋا رەھبىرى ئىدى. مەرھۇم ئەرباقان سىياسىي ھاياتى مابەينىدە ھەمىشە ھەقىقەت ھەم ئادالەتنى بويلاپ ماڭدى.»

پائالىيەتكە سائادەت پارتىيەسى رەھبىرى تەمەل قاراموللائوغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن رەھبىرى بۈلەنت تەزجان، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا دەستىجى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

سائادەت پارتىيەسى رەھبىرى تەمەل قاراموللائوغلۇ پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، ئەرباقان ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 7 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەتتا ياۋروپادىن ئاسىياغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا دەستىجىمۇ پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك سىگالى بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقىنىڭ بەخت – سائادەتلىك ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ھەم تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتىشى ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىمىز ھەمدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز.»

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن رەھبىرى بۈلەنت تەزجان ئەرباقاننى ياد ئېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە، رايوندا ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ، يەنە بىر قېتىم  بارلىق مەزلۇملارنىڭ زالىملارغا قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىشىنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە نۆۋەتتە قېرىنداشلىققا  باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر