پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر تىجارىتىدىكى رولى

پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتىدىكى رولى ۋە زەھەر ئېلىپ سېتىشتا سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلىرى.

916073
پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر تىجارىتىدىكى رولى

تېررورىزىم بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەردىن بىرى بولغان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە خەتىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشماقتا. بولۇپمۇ ياشلار ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ زور كىرىم مەنبەسىدۇر.

يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىدىن كىرىم قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ كىرىمنى قورال-ياراغ، قونالغۇ، ئوزۇقلىنىش، ئۇچۇر-ئالاقە، تەشۋىقات قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇماتلار قەيت قىلىنىدۇ. دۇنيا زەھەرلىك چېكىملىك دوكلاتلىرىدا دۇنيا مىقىياسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 320 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ تەشكىللىك جىنايەت ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. 2016- يىللىق ياۋروپا زەھەرلىك چېكىملىك دوكلاتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقىياسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك بازىرىنىڭ قىممىتىنىڭ 24 مىليارد ياۋرو ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا مەنپەئەتكە تايانغان مۇناسىۋەت بار بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى تېررورچىلارنىڭ تەشكىلاتلىنىش، قورال سېتىۋېلىش ۋە تەشكىلاتلارغا مەخپىي ئەزا بولۇش ئىستىكى قاتارلاردىن پايدىلىنىدىغان بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىمۇ زەھەرلىك چېكىملىكتىن كىرىم سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، بۇنىڭدىن كەلگەن كىرىملارنى ئاقلاش ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە قابىلىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن تېررورىزىم بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ تېررورىزىمنىڭ پاتقاقلىقى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

شۇنىسى روشەنكى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىر تەرەپتىن زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلىپ تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش ھادىسىسىنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى تۈپەيلى مىللەتنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولغان ئىنسان بايلىقىنىڭ خوراپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.

پ ك ك – ك ج ك نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرى

ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلغان تەشكىلاتلاردىن بولغان پ ك ك- ك ج ك نىڭمۇ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدىن زور كىرىم قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن سودىسىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم. پ ك ك – ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىپ بۇنىڭ سودىسىنى قىلغانلىقىنى ئۇزۇن مەزگىل دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن يوشۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى،  قولغا چۈشۈرۈلگەن تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزىمغا چېتىشلىق زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك –ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقىغا تۈركىيە ۋە خەلقئارا شاھىت بولدى.

تەشكىلات كاتتىباشلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىپ سودىسىنى قىلىدىغانلىقىنى كەڭ ئامما  ۋە  قول ئاستىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ ھەقىقەتەن جىنايەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا نامراتلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشىدۇ.

مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1990-يىلى چاقىرغان 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا «چېگرالاردا باج يىغىش، ماللارنىڭ مىقدارى ۋە قىممىتىگە ئاساسەن باج يىغىش»نى قارار قىلىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ خېلى بۇرۇنلا زەھەرلىك چېكىملىك ساھەسىگە كىرگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

ئابدۇللاھ ئۆجال تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىقرار قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئۆزىمىز قىلماي بۇ ئىشنى قىلغانلاردىن ئولپاڭ يىغدۇق، زاگروس ۋە ماكۇ رايونلىرىدا ئىنىم ئوسمان ئۆجالان ۋە باشقا تەشكىلات باشلىقلىرى تەشكىلاتىمىزغا ۋاكالىتەن زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلدى، بۇ ئىش مېنىڭ كونتروللۇقىمدا ئەمەس ئىدى.»

تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىش ۋە كىرىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىپ سودىسىنى قىلىشنى ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يولى دەپ قارايدىغان پ ك ك – ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قىلماقتا. دەسلەپ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە كۆز يۇمۇپ ئۇلارنىڭ «بىخەتەرلىكىنى قوغداش»بەدىلىگە «ئولپاڭ»يىغقان تەشكىلات، زەھەرلىك چېكىملىكتىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشقا باشلىدى.

زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئورۇنلىرىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشقان بىر قىسىم ئەھۋاللار يۇقىرىدىكى ئانالىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بولۇپ، پ ك ك –ك ج ك نىڭ نوقۇل زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن «ئولپاڭ»ئېلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، زەھەر چېكىملىك سودىسىغا پۈتۈنلەي كىرگەنلىكى مەلۇم بولدى. يەنە تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ئورۇنلىرىمىز تەرىپىدىن پ ك ك – ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى. 1980-يىلدىن 2017-يىلغىچە پ ك ك-ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 414 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەردە 1325 گۇماندار، ئون مىڭلارچە كىلوگىرام ئەپىيۇن، خىرويىن، 88 مىليون تۈپ نەشە شېخى قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ ئەھۋال تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى روشەن نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

پ ك ك –ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدە  پ ك ك –ك ج ك نىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلغانلىقى ئايدىڭلاشتى:

  1. زەھەرلىك چېكىملىكنى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش ۋە سودىسىنى ئۆزى تەشكىللەيدۇ.
  2. زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرى ياكى دۆلىتىمىز چېگراسى ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەيدىغان ۋە قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان شەخس ياكى گۇرۇھلاردىن «باج»يىغىدۇ.
  3. ياۋروپادا زەھەرلىك چېكىملىكنى توپ تارقىتىدۇ.
  4. ئۆزلىرىدىن خەۋەرسىز زەھەرلىك چېكىملىك ساتقان شەخس ياكى گۇرۇھلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ.
  5. زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقارغانلارغا يەر ئاجرىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە مەخسۇس مۇھاپىزەتچى تەيىنلەيدۇ.
  6. شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدا قانۇنسىز كەندىر تېرىيدۇ.
  7. پ ك ك – ك ج ك نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى مەخسۇس بىر گۇرۇھ تەشكىللەيدۇ، باشقا تېررورچىلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىزدۇر.

تېررورلۇق تەشكىلاتى قانۇنغا خىلاپ كەندىر تېرىشنى، بۇ ساھەدە ئەڭ كۆپ پايدا ئالىدىغان چارە سۈپىتىدە كۆرمەكتە. بولۇپمۇ، شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا كەندىردىن ياسىغان نېشە سودىسىدىن ئەڭ كۆپ پايدا ئۈندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۇنىڭ جەريانىنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەندىن باشقا، يېزا ئاھالىلىرى ۋە رايون خەلقىنى كەندىر تېرىشقا مەجبۇر قىلماقتا ياكى تېرىشقا ئىلىھاملاندۇرۇپ، ياسالغان نېشەدىن تاپان ھەققى ئالماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر مەزگىل لىۋاننىڭ بەكائا ۋادىسىدىكى لاگېرلاردا (بائەلبەك ۋە ھەرمەن) كەندىر تېرىپ، ئۆزى قۇرغان تەجرىبەخانىلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك ياسىغان ئىدى. ھازىرقى كۈنلەردە شىمالىي ئىراقتىكى لاگېرلاردا ۋە دۆلىتىمىزگە يېقىن بولغان چېگرا يېزىلاردا زەھەرلىك چېكىملىك ياساپ بازارغا سالماقتا. يەنە بىرگە، ياۋروپا بازىرىدىكى ئافغانىستاندا ياسالغان ئەپىيۇنلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن خىروئىنغا بولغان ئېھتىياجغا كۆپ ئەھمىيەت بەرمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتى يىغىدىغان خىراجەتلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي چېگرالىرىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن چېكىملىكنىڭ كىلو بېشىغا بەلگىلەنگەن باھا بويىچە «باج» نامى ئاستىدا يىغقان خىراجەت بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ماددا سودىسى قىلغان ئەتكەسچىلەرگە تەھدىت سېلىش، قورال ئىشلىتىش ۋە گۆرۈگە ئېلىش يولى بىلەن يىغقان پۇللار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۆلىتىمىز جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن، زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان رايونلار بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىستېمال قىلىنىدىغان بازارلار ھېسابلىنىدىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا. ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ئىران زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىنىڭ دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرى بولۇپ، تۈركىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ لىنيە ئەنئەنە بويىچە «بالقان لىنيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، چەت ئەلدىكى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ كەڭ يەر «بالقان لىنيەسى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ماددا ئېقىمى ئۆتىدىغان مەزكۇر لىنيە ئۈستىدە تەشكىللەنگەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئىشلەپچىقارغان ياكى مەنبەسىدىن تەمىنلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى بۇ لىنيە ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا يۆتكىمەكتە.

پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى سودىگەر ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تاپان ھەققى ئېلىش بىلەن باشلىغان بولسىمۇ، يېقىنقى ۋاقىتلاردا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ياۋروپادىكى كوچا بازارلىرىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلغان. تېررورلۇق تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىكنى ياۋروپادا تارقىتىشنى بىر قوللۇق تەشكىللەپ كونترول قىلماقتا.

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان يۇقىرى پايدا نىسبىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كوچا سودىسىغا يۈزلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. مەركىزىي ئەنگلىيەگە جايلاشقان ھېنرى جېكسون جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «ئۇنتۇلغان چەت ئەللىك جەڭچىلەر: سۈرىيەدىكى پ ك ك» (The Forgotten Foreign Fighters: The PKK in Syria) ناملىق دوكلاتتا، پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىنىڭ، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدىن كېلىدىغانلىقى، ئىراندىن كەلگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن تارقىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنىدۇ.

پ ك ك/ ك ج ك نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە چەت دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى

خەلقئارالىق مەنبەلەردە، پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خۇلاسە ۋە ئىسپاتلار بار. ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايەت ئىشخانىسى (United Nations Office on Drugs and Crime–UNODC)، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ياۋروپاغا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇپ، سودا ئەتكەسچىلىكى قىلىشنىڭ يىلىغا 5 مىليارد دوللارلىق پايدا كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىدۇ. ياۋروپالىق بىر ئىستىخبارات خادىمى ئانالىزىدا، بۇ پايدىنىڭ يېرىمىنىڭ پ ك ك/ ك ج ك غا كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

1992-يىلى دۇنيا مىقياسىدا باشلانغان 41 زەھەرلىك ماددىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ 23 ىدە تۇتۇلغان جىنايەتچىلەرنىڭ پ ك ك/ ك ج ك غا چېتىشلىق ئىكەنلىكى، شۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (INTERPOL) نىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلگەن. 1990-يىللاردا گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، شىۋېيتسارىيە، فىرانسىيە ۋە تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە توننىلارچە زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلگەن. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1992-يىلى ياۋروپا زەھەرلىك چېكىملىك بازىرىنىڭ تەخمىنەن %80 ى، 1994-يىلى تەخمىنەن %70-60 ى پ ك ك/ ك ج ك تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان كۈرت (كورد) گۇرۇپپىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ پ ك ك/ ك ج ك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە بىلەن شىمالىي ئىراقتا زەھەرلىك چېكىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش تەجرىبىخانىلرى بار تەشكىلات، دەپ بىلىنىدۇ. پ ك ك/ ك ج ك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپا ئۇۋىلىرى ئىشلەپچىقارغان زەھەرلىك چېكىملىكتىن ۋە سودىلىرىدىن، شۇنداقلا غەربىي ياۋروپادىكى كۈرت زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرىدىنمۇ باج يىغماقتا.

پ ك ك/ ك ج ك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىدە ياۋروپادىكى ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بازارلىرىنىمۇ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1996-يىلى بىر گىرام خىروئىننى 350 دوللاردىن ئامېرىكا بازارلىرىنى تەمىنلەۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بار. پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەقەت ئافغانىستاندىنلا ياۋروپاغا يەتكۈزۈلگەن خىروئىندىن يىللىقى 50 مىليوندىن 100 مىليون دوللارغىچە كىرىم قىلىدىغانلىقى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ كىرىمنىڭ جەمئىي 1.5 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا، ئۆزىگە ئوخشىغان باشقا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە  EUROPOL (ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى) نىڭ «تېررورىزمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  پائالىيەتلىرى» ناملىق دوكلاتىدىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. EUROPOL تەرىپىدىن 2013 – يىلى ئېلان قىلىنغان «تېررورىزمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  پائالىيەتلىرى» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا، پ ك ك/ك ج ك نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە زەھەر تىجارىتىگە داخىل بولغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك تىجارەتچىلىرىدىن باج ئېلىش ئارقىلىق پۇل توپلايدىغانلىقى، زەھەرلىك چېكىملىك تىجارەتچىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلىرىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە يۆتكەپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىتىپ، سېتىش ئارقىلىق پۇل توپلايدىغانلىقى، بۇنىڭ بەدىلىگە، ئادەتتە پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئۇلارنى قوغداش ۋە كېلىشمەسلىكلەر ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك قىلىش رولىنى ئويناش تەكلىپلىرىنى سۇنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2007 – يىلقى «ئىقتىسادىي كومىتېت» يىغىنىغا ئالاقىدار دوكلاتىدا، مۇنداق دېيىلگەن: «قانۇنسىز زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن، پ ك ك/ك ج ك پاكىستاندىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىراقتىكى زەھەر ئېتىپ سېتىش جىنايەتلىرىگىچە، كوچىلاردىكى زەھەر ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىدىن ياۋروپادا باج ئېلىشقىچە بارلىق زەھەرلىك ئەتكەسچىلىك باسقۇچلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك/ك ج ك نىڭ زەھەر تىجارىتىدىن كىرىم قىلىش ئۇسۇلى؛ خېروئىن ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەر تىجارەتچىلىرىدىن چېگرا ھالقىغان رايونلاردىن ئۆتىدىغان ماللىرىدىن باج ئېلىشى ۋە ياۋروپادا خېروئىن بازارلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى كونتىرول قىلىشىدۇر.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئاسا ھاتچىنسون بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، پ ك ك نىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا زەھەر يۆتكەشتىن باج ئېلىش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش ئورگىنىنىڭ دوكلاتلىرىدا، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن خېروئىن ئىشلەپچىقارماقتا ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئەنئەنىۋى زەھەر ئەتكەسچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئائىلىلەر ۋە زەھەر ئەتكەسچىسى تەشكىلاتلارمۇ پائال ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا» دېيىلگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2009 – ۋە 2011 – يىللىرى مۇرات قارايىلان، ئەلى رىزا ئالتۇن، زۇبەير ئايدار، جەمىل بايىق، دۇران قالقان، رەمزى قارتال، سابرى ئوق ۋە ئادەم ئۇزۇننى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، پ ك ك/ك ج ك نىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى خەلقئارادا ئەنگە ئېلىنغان.

يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسى 2012 – يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، زەينەددىن گەلەرى، چەركەز ئاقبۇلۇت ۋە ئۆمەر بوزتەپە ئىسىملىك پ ك ك/ك ج ك تېررورچىلىرىنى ياۋروپا ۋە بولۇپمۇ مولداۋىيەدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتىنىڭ جاۋابكارلىرى دەپ ئاتىغان ھەمدە «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى» دەپ ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خەلقئارا زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى كونتىرول قىلىش» ناملىق دوكلاتىنىڭ 2016 – يىللىق سانىدا، ئافغانىستاندىن تۈركىيەگىچە سوزۇلىدىغان زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا كۆپ ساندا كوردلار ۋە ئىرانلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ پ ك ك/ك ج ك غا ياردەم بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2015 – يىلىمۇ تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ۋە ياۋروپادا پ ك ك/ك ج ك لىق زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە قارشى زەربەر بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەشكە مەسئۇل دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئاخبارات  ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پ ك ك/ك ج ك پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدە سېتىلىۋاتقان خېروئىننىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى كونتىرول قىلماقتا ئىكەن. پ ك ك/ك ج ك نىڭ 1988 – يىلقى كىرىمى 85 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ % 44 تىنى زەھەر ئەسكەتچىلىكىدىن قولغا كىرگۈزگەن.

گېرمانىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى ياۋروپادا قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرنىڭ % 80 تىنىڭ پ ك ك/ك ج ك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېلنىڭ؛ 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلغان «پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى گېرمانىيەدىمۇ قورال - ياراغ ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتىگە ئارىلاشقان، شۇ سەۋەبتىن پ ك ك/ك ج ك نىڭ گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى مەنئىي قىلىنغان، پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ قۇرۇتۇپ تاشلىنىشى گېرمانىيە ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق» تەرىقىسىدىكى باياناتىمۇ، پ ك ك/ك ج ك نىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

فىرانسىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى تەرىپىدىن 1995 – يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا،  پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى ساھەسىدىكى ئورنى ۋە رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئوتتۇرىسىدا «بىيولوگىيەلىك، سىياسىي ۋە يەر ئاستى دۇنياسى» جەھەتتىن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇ يىلى كۈردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى (ك د پ) نىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانىمۇ پ ك ك/ك ج ك نىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1998 – يىلقى ئىتالىيەنىڭ مالىيە ساقچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پ ك ك/ك ج ك خەلقئارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتىگە بىۋاسىتە داخىل بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ مەلۇماتلاردا، پ ك ك/ك ج ك نىڭ كۆچمەنلەر تىجارىتى، چەت ئەللەردىكى تۈرك كارخانىچىلار ۋە ئىشچىلارنى سىستېمىلىق قوغداش باھانىسى بىلەن كىرىمگە ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خۇلاسە

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەلۇماتلاردىنمۇ بىلىۋالغىلى بولغىنىدەك، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا زەھەر ئەتكەسچىلىكىدىن كىرىمگە ئېرىشمەكتە. تۈركىيەدە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆپلىگەن ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن زەھەرلىك چېكىملىك، تەتۈر تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى قولغا كىرگۈزۈلگەن، كۆپلىگەن تېررورچىلار ئۆلۈك ياكى تىرىك قولغا چۈشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ۋە تۇتۇلغان تېررورچىلارنىڭ ئىقرارنامىلىرىدىمۇ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ياكى چەت ئەللەردىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىرىدىمۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىمۇ، پ ك ك/ك ج ك نىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىل – ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەھۋال، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىكى تىجارىتى ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر