مېكسىكادىكى سۇ ئاستى غار تىزمىسىدا مايا مەدەنىيەتىنىڭ يادىكارلىقلىرى تېپىلدى

مۇتەخەسسىسلەر تېپىلغان بويۇملارنىڭ بۇنىڭدىن 2 مىليون 600 مىڭ يىل ئىلگىرىدىن تارتىپ، 11 مىڭ 700 يىل ئىلگىرىگىچە بولغان مۇز دەۋرى تارىخىنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا مۇھىم فۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

914600
مېكسىكادىكى سۇ ئاستى غار تىزمىسىدا مايا مەدەنىيەتىنىڭ يادىكارلىقلىرى تېپىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكادىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى غار تىزمىسىدا مايا مەدەنىيەتىنىڭ يادىكارلىقلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان جىسىملار بايقالدى.

ئارخىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى سۇ ئاستى غار تىزمىسىغا دۈشەنبە كۈنى شۇڭغۇپ، تېپىپ چىققان يادىكارلىقلار ئارىسىدا، ئېيىق ۋە لېنۋېتىس (ھورۇن ھايۋان)نىڭ سۆڭەكلىرىدىن باشقا يەنە، مايالارنىڭ ئۇرۇش ۋە تىجارەت تەڭرىسىگە ئاتاپ ياسىغان ھەشەمەتلىك بىر ئىبادەتخانىسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ غاردا زامانغا ئەگىشىپ سۇ سەۋىيەسى يۇقىرى ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

قۇرغاقچىلىق بولغان دەۋرلەردە كىشىلەرنىڭ بۇ غارنى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئارخىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تېپىلغان بويۇملارنىڭ بۇنىڭدىن 2 مىليون 600 مىڭ يىل ئىلگىرىدىن 11 مىڭ 700 يىل ئىلگىرىگىچە بولغان مۇز دەۋرى تارىخىغا مۇھىم چىراق ياقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ھايۋاانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، پىللارنىڭ ئاتىسى دەپمۇ بىلىنىدىغان «gomphotheriidae» ناملىق پىللارنىڭمۇ سۆڭەكلىرى بارلىقى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ بولسا، كۆيۈدۈرۈلگەن سۆڭەكلىرىدىن باشقا يەنە، چېنە خىش ۋە تام رەسىملىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

مۇتەخەسسىسلەر يانۋاردا مېكسىكا يېرىم ئاراللىرىنىڭ يۇجۇتان، ساك ئاكتان ۋە دوس ئاجوستان دېگەن جايلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى 2 غار تىزمىسى بايقىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە سۇ ئاستىغا شۈڭغۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يارىدىمى بىلەن قەدىمقى دەۋرلەردىن قالغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئىزدەپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر