پ ك ك قولچوماقچىلىرى گېرمانىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قولچوماقچىلىرى گېرمانىيەنىڭ مائىنز شەھىرىدە ئىككى جامەگە ھۇجۇم قىلدى.

911776
پ ك ك قولچوماقچىلىرى گېرمانىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك قولچوماقچىلىرى ياۋروپا تۈرك – ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى سەلىمىيە جامەسى بىلەن گېرمانىيە تۈرك فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق مائىنز ئۈلكۈ ئوجاغى ئەييۇب سۇلتان جامەسىنىڭ تاملىرىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئىسىملىرىنى يازدى. ۋەقەنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىنىشىدىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىككى كىشى قولغا ئېلىندى.

مائنز تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كۆكسال ئاقچاي، يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى قولچوماقچىلىرىنىڭ گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىبادەت مەركەزلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ تولىمۇ ئەھدىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر