گىرېتسىيەدە «مۇسۇلمانلار  جەمئىيىتى» تەھدىتكە ئۇچرىدى

گىرېتسىيەدە «مۇسۇلمانلار  جەمئىيىتى» ئىرقچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى.

892241
گىرېتسىيەدە «مۇسۇلمانلار  جەمئىيىتى» تەھدىتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جەمئىيەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۆزلىرىنى «كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇپ ئۆلتىرىدىغان گۇرۇپپا» دەپ ئاتىۋالغان « Krypteia» ئىسىملىك گۇرۇپپىنىڭ تېلېفون تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقى،  جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ دۆلەتتە ئاشقۇن ئوڭچىل شەپەق پارتىيەسىگە قارشى سوت مەھكىمىسىگە  ئەرز سۇنۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

گىرېتسىيە خەلقى نەپرەتلىك باياناتلار ۋە ئىرقچىلىققا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا، بۇنداق تەھدىتلەرنىڭ دۆلەتكە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر