ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام (2)

تالۇتنىڭ ئاتىسى سۇچى بولۇپ، تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئېشىكى بار ئىدى.

874300
ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. تالۇت ئېشىكىنى ئىزدەپ ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام قومۇش بىلەن ئۇنىڭ بويىنى ئۆلچىگەن ئىدى، تەپمۇتەڭ كەلدى، ياغنى بېشىغا قويغانىدى، قايناپ تاجقا ئايلاندى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام تالۇتقا:

- سەن پادىشاھ بولدۇڭ، - دېگەنىدى، تالۇت ھەيران قېلىپ:

- مەن ھەممە ئادەمدىن كەمبەغەل، ئاجىز بىر ئىنسان تۇرسام، قانداقمۇ پادىشاھ بولىمەن؟ - دېدى. ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن ئېيتتى:

- راستىنى ئېيتقاندا، سېنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا پادىشاھلىققا تاللىدى، بېرىپ ئاتاڭنى ۋاقىپ قىلغىن. بۇ چاغقىچە ئېشىكىڭمۇ تېپىلغاندۇ.

تالۇت خۇشال ھالدا ئاتىسىنىڭ يېنىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ باردى، دېگەندەك، ئۇنىڭ ئېشىكىمۇ ئاللىقاچان تېپىلغانىدى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام تالۇتنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا جاكارلىغانىدى، ئىنسانلار:

- ئارىمىزدا نەسەب جەھەتتىن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئادەملەر بار تۇرسا، تالۇت قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولسۇن؟ بۇ غەلىتە ئىشقۇ؟ - دېيىشتى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:

- ئى ئىسرائىل ئوغۇللىرى، پەرۋەردىگارىڭلار تالۇتنى پادىشاھلىققا تاللىدى. سىلەرمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىسىلەر، ئاللاھ تائالا پادىشاھلىقنى كىمگە بېرىشنى خالىسا، شۇنىڭغا بېرىدۇ. ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار «تابۇت سەكىنە» دىن سوراپ باقساڭلار بولىدۇ!

«تابۇت سەكىنە» ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتىلگەن تاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرقانداق بىر ئىشنى سورىسا جاۋاب بېرەلەيتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرىنىڭ ئالدىدا گەپ سورىغان تاشمۇ دەل شۇ بولۇپ، بۇ تاش مۈشۈك سۈرىتىگە كىرەلەيتتى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىكى ۋاقتىدا «ساندۇقى شاھادەت» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ تاشتا ئادەم ئاتىمىزدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈرىتى بار بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئۇنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالاتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ  مۇنداق  دۇئا قىلدى:

- ئى ئاللاھىم، ئىسرائىل ئوغۇللىرى بىرىر دىشىۋارچىلىققا دۇچ كەلگەن چاغدا، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلسام، سەن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن دىشىۋارچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىسەن، ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىسەن. ئۆز دەرگاھىڭدىن ماڭا بىر نەرسە ئاتا قىلساڭ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمغا يادىكار قالغان بولسا، ئەگەر ئىسرائىل ئوغۇللىرى تۈرلۈك مۈشكۈلاتلار ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچ كەلگەندە شۇ نەرسە ئارقىلىق مۈشكۈلاتلار ۋە مۇسىبەتلەردىن خالاس تاپقان بولسا...

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. ئارقىدىنلا مۇنداق خىتاب كەلدى:

- ئى مۇسا، ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، بىر ساندۇق تەييار قىلىپ، ئۇنىڭغا: «ساندۇقى شاھادەت» دەپ نام بەرسۇن. ئاندىن تاش، سېنىڭ ھاساڭ بىلەن كىيىملىرىڭنى ۋە ھارۇننىڭ سەللىسىنى ساندۇققا سېلىپ، ھەمىشە ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرسۇن. ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئۇنى شېپى كەلتۈرۈپ ماڭا يىلىنىپ دۇئا قىلسىلا، مەن ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن.

ئىسرائىل ئوغۇللىرى شۇ بويىچە ئىش قىلىپ، بۇ تەۋەررۈكنى ساقلاپ كەلگەنىدى. ئۇلار بىرەر مۈشكۈلچىلىككە يولۇققان ھامان، ئۇنىڭدىن سوراپ ھەل قىلاتتى. كېيىنچە بۇ ساندۇق ئەمالىقەلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. لېكىن ئۇلار بۇ تەۋەررۈكنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، ساندۇق غايىب بولۇپ كەتكەنىدى. ئاللاھ ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن چاغدا، بۇ ساقدۇقنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ بەردى.

ئۇلار پادىشاھلىق مەسىلىسىنى «ساندۇقى شاھادەت» تىن سورىغانىدى، ساندۇقتىن: «ئاللاھ تائالا پادىشاھلىقنى تالۇتقا بەرگەن» تەرىقىسىدە ئاۋاز كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلدى. ئەمالىقەلەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسمى جالۇت بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئىككى پادىشاھ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى.  تالۇت قوشۇنىنى باشلاپ ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-  ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، پەرۋەردىگارىمىزدىن بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلىسەڭ، - دېدى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغانىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تالۇتنىڭ قوشۇنى ئەمالىقەلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر