ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام (1)

مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن جالۇتنىڭ دۈشمەنلىكى سەۋەبىدىن ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدا پىسق – پاسات ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى.

874136
ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جالۇت رۇم دەرياسى ساھىلىغا جايلاشقان ئەمالىقە قەۋمىدىن بولۇپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بالا – چاقىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ تۇتۇپ كېتەتتى. جالۇتنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئىنسانلار ئاللاھ تائالاغا نالە قىلىپ: «ئى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، بىزنى دۈشمەندىن قۇتۇلدۇرغان ۋە زۇلۇم – سىتەمدىن خالاس تاپقۇزغان بولسا...» دەپ كېچە-كۈندۈز يىلىنىپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى.

ئۇلار بىرەر ئايال يەڭگىگەن ھامان، بىزگە باشچىلىق قىلىدىغان پەيغەمبەر مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇنى ئوبدان كۆزىتىپ باقاتتى ھەم ياخشى ئاسرايتتى.

ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئايال يەڭگىدى، بالىسىنىڭ ئىسمىنى «ئەشمۇئىل» قويدى، چوڭ بولغاندا، ئۇنى قۇددۇسقا (بەيتۇلمۇقەددەسكە) ئوقۇشقا ئەۋەتتى.  ئۇ «تەۋرات» نى ئوقۇپ، ناھايىتى كۆپ بىلىمگە ئېرىشتى. ئۇ بالاغەتكە يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇخلاۋاتقاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇنىڭغا:

ئى ئەشمۇئىل! جانابىي ئاللاھ سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى. ئويغىنىپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى ئىمانغا ۋە ھەق يتولغا دەۋەت قىلغىن! – دېدى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنى ئىمان ۋە ھىدايەتكە دەۋەت قىلغانىدى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا:

- سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇشۇڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، ئەگەر ساڭا راستىنلا پەيغەمبەرلىك كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن! بىز ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى جىھاد قىلايلى، - دېدى. ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋابەن:

- سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟ - دېگەنىدى، ئۇلار:

- يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟  - دېيىشتى. ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

مەن تېخى تۇغۇلمىغان چېغىمدا، سىلەرگە زۇلۇم سالىدىغان كىشىلەرگە قارشى جىھاد قىلالماي: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلار 400 دىن ئارتۇق پەرزەنتىمىزنى ئەسىر ئېلىپ كەتتى، بىزگە يەنە داۋاملىق زۇلۇم سالماقتا. شۇڭا بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ! بىزنى بۇ پۈتمەس - تۈگىمەس دەرد – ئەلەم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇۋالغان بولسا...» دەپ ئاللاھقا نالە قىلغان ئىدىڭلار. پەرۋەردىگاردىڭلارمۇ تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ، مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا يىلىنىپ دۇئا قىلغانىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن بىر قومۇش كەلتۈرۈپ، ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالامغا بەرگەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:

ئى پەيغەمبەر! كىمنىڭ بويى مۇشۇ قومۇشقا تەڭ كەلسە، شۇ پادىشاھ بولسۇن. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كالىنىڭ مۈڭگۈزىدە ياغ بېرىپ مۇنداق دېدى:

ئى پەيغەمبەر! بۇ ياغنى كىشىلەرنىڭ بېشىغا قويغىن، ئۇ كىمنىڭ بېشىدا تاج بولۇپ قالسا، شۇ پادىشاھ بولسۇن.

ئەشمۇئىل ئەلەيھىسسالام بىرنەچچە تاياقنى قومۇشقا تەڭ قىلىپ كېسىپ ئىنسانلارغا بېرىپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى. لېكىن ھېچيەردىن بۇ شەرتكە توشىدىغان ئادەم تېپىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر