دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتى خاتىرىلەندى
تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى «مەلىكە خاتۇن جەمەسى» دە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىغا ئالاقىدار مۇھىم سىگناللارنى بېرىپ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە قازاندۇرغان مەنىۋىي بايلىقلارنى، قىممەت ئۆلچەملىرىنى قايتىدىن خاتىرىلەش ۋە كۈندىلىك ھاياتقا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى، ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشىمىز، بارلىق ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە غەيرەت كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەيمىز.»
ماكېدونىەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جەمەلەرگە تولۇپ تاشتى. تۈركىيەنىڭ ئۈسكۈپ باش ئەلچىخانىسى دىنىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىك باشقارمىسى بىلەن ماكېدونىيە ئىسلام بىرلىكى پايتەخت ئۈسكۈپتىكى تۈرك بازىرىغا جايلاشقان «مۇرات پاشا جەمەسى» دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكى مەركەز جەمەسىنى تولدۇرغان مۇسۇلمانلار دۇئا – تىلاۋەتلەر ۋە تائەت – ئىبادەتلەر ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىلىرىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ جەمەلەرگە بېرىپ، بىرلىكتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلىدى.
پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا، ئېفىيوپىيەدەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئابابادا، گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفلىستە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايىۋودا، بۇلغارىيەنىڭ فىلىبې شەھىرىدە مۇسۇلمانلار جەمەلەرگە بېرىپ، دۇئا – تىلاۋەت ۋە تائەت - ئىبادەت ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئالتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.