ئىككى ئاتاقلىق پۇتبول ماھىرى ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

ئاراكانغا ياردەم سەپەرەۋەرلىكىنى قوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاقلىق پۇتبول ماھىرى فېغۇلى ۋە ئادېبايور تۋىتتېر ھېسابىدىن ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى.

857683
ئىككى ئاتاقلىق پۇتبول ماھىرى ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئالجىرىيەلىك ماھىرى سوفېنە فېغۇلى بىلەن  مېدىپول باشاق شەھەر كوماندىسىنىڭ توگولۇق پۇتبول ماھىرى ئېممانۇل ئادېېبايور «ئاركان ئۈچۈن سۆيگۈ ئەسكەرلىرى» گۇرۇپپىسىنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپىنى جېروم جاررە ۋە فىرانسىيەلىك چولپان ئۆمەر سىي قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئاتاقلىق چولپانلار  تەرىپىدىن بىرلىكتە باشلىغان ياردەم سەپەرەۋەرلىكىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، بۇ ئىشقا فېگولى بىلەن بىلەن ئادېبايورمۇ ئىنكاس قايتۇردى.

فېگولى تۋىتتېر ھېسابىدا «#ئەردوغان روھىنگىياغا ياردەم» دېگەن تېما ئاستىدا «مەرھابا!! رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ھەمبەھىرلەشتى.

ئادېبايورمۇ تۋىتتېر ھېسابىدا ئۆزىنىڭ ئەردوغان بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرغان رەسىمىنى ھەمبەھىرلىشىپ، «#ئەردوغان روھىنگىياغا ياردەم» دېگەن تېما ئاستىدا «رەھمەت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر