قىزغىزىستان سابىق پىرېزىدېنتى ئاتامبايېۋنىڭ ناخشىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت تارتماقتا

ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «قىسمىتىمگە قارىماستىن»، «سەنسىز ياشىيالمايمەن»، «ئۆلۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» ۋە «ئاقماس گەپلەر» ناملىق 4 رۇسچە ناخشا ۋە «قىرغىزىستانىم» ناملىق قىرغىزچە ناخشا ئىجاد قىلغان ئىدى.

857472
قىزغىزىستان سابىق پىرېزىدېنتى ئاتامبايېۋنىڭ ناخشىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت تارتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تەسىرلىك ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان سابىق قىزغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ «قۇزغۇ ۋالس» يەنى «كۈز ۋالىسى» ناملىق ناخشىسى «YouTube» دە ئېلان قىلىندى.

قىرغىزىستاندىكى بىر ناخشا مۇسابىقىسىدا قائىرات پىرىمبەردىۋ ئوقۇپ بىرىنچى بولغان ۋە ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئىجاد قىلغان 3 – قىرغىزچە ناخشىسى «YouTube» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىڭلىغان قېتىم كۆرۈلدى.

ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «قىسمىتىمگە قارىماستىن»، «سەنسىز ياشىيالمايمەن»، «ئۆلۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» ۋە «ئاقماس گەپلەر» ناملىق 4 رۇسچە ناخشىسى ۋە قىرغىزچە ئوقۇغان «قىرغىزىستانىم» ناملىق ناخشىشى كەڭ تارقىتىلغان ئىدى.

ئاتامبايېۋ ماي ئېيىدىمۇ ئانىسىغا بېغىشلىغان «ئەنەكەم» (يەنى ئانام)  دېگەن ناخشىسى بىلەن تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر